ئەدىبلەر سالۇنى
  • دادامنىڭ قولى

    (نەسىر)

    مۇختار يۈسۈپ

     دادا شۇ تاپتا سىنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم كەلدى. سىنىڭ قوللىرىڭىنى ئاشۇ قاداق باسقان قوللىرىڭىنى سىلىغۇم كەلدى.سىنىڭ قوللىرىڭىنى سۆيگۈم، يۈزلىرىمگە ياققۇم كەلدى. ئاشۇ سىلاش بەدىلىگە قەلبىمىدىكى ھېجىران ئازاپقا،ئىشقى پىراققا داۋا قىلغۇم كەلدى. ئەمما، ئۇنداق قىلالمىدىم. چۈنكى سەن يېنىمىدا يوق. سىنىڭ يوقلىقىڭ مىنىڭ غېرىپلىقىمنى، دەردۇ-پىغانىمىنى ئاشۇردى. شۇ تاپتا سىنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشسەم ئىدىم. باھارىم چېچەك ئاچاتتى. چېچەكلىرىم خۇش ئىپار چاچاتتى.

    دادا، جېنىم دادا، ھېلىمۇ ئىسىمىدە تۇرۇپتۇ.  مەن دۇنياغا تۇنجى كۆزۈمنى ئاچقاندا تۇنجى كۆرگەن كىشىم سەن ئىدىك. ئالەمچە مېھىر بىلەن بېشىمىنى سىلىغان قوللىرىڭ شۇ ئىدى. ئۆمىلەشىنى ئۆگەتكەن قوللىرىڭ شۇ ئىدى. مىنى يۆتىلەپ مېڭىشىنى ئۆگەتكەن، يىقىلسام يۆلىگەن  قوللىرىڭ شۇ ئىدى.. ھاياتىمىغا ھايات، قاناتىمغا قانات بولغان قوللىرىڭ شۇ ئىدى ئىدى. كېمىمنى تەل قىلغان، يوقۇمنى ھەل قىلغام قۇللۇرۇڭ شۇ ئىدى. ئەقلىمىگە يەتكەندە سەپەرلەردە يۆتلىگەن،نىشان- مەنزىلنى كۆرسەتكەن قوللىرىڭ شۇ ئىدى. مەن ئاشۇ مىھرلىك، ئۇلۇغلۇق، ساخاۋەت، ھالاۋەت يېغىپ تۇرىدىغان قوللىرىڭىنى پەقەت ئۇنۇتالمايمەن.

    ھېلىمۇ ئىسىمىدە تۇرۇپتۇ. مىنىڭ  13 ياش ۋاقتىلىرىم ئىدى. ئائىلىمىز تولىمۇ نامىرات بۇلۇپ ئائىلىمزدىكى تۆت ئادەم دادامىنىڭ تۆرمۈچىلىك كەسپى بىلەن تاپقان ئازغىنە پۇلىغا تايىنىپ جېنىمىزنى جان ئىتەتتۇق. بىر ياز پەسلى ئىدى. سۈيۈملۈك سەھرايىمىدا جىمى دىھقانلار ئورمىغا چۈشكەن چاغلار بولۇپ قۇلۇم - قوشىنىلار، يۇرىت- مەھەللىدىكىلەر بىزىنىڭ ئۆيگە كىرشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىللىرى كەكە، پالتلىرىنى قايىتىدىن قاقتۇرسا، بەزىللىرى ئاتلىرىغا تاقا بۇيرۇتۇپ ئاتلىرىنى تاقلىشىتاتتى. بۇ مەزگىلىدە كۆپۈنچە كىشلەر ئورغاق سوقتۇراتتى. بىر كۈنى يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا بوي، سىمىزغىنە، ئورا كۆز، گەپنى پىلمۇتىنىڭ ئوقىدەك تىز قىلىدىغان ئەمەت پاخال( كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق ئاتايىتىتى.) كىرىپ:

    -قاسىماخۇن  - دىدى جىدىدى تەلەپپۇزدا -– مەن 20 دانە ئورغان سوقتۇرماقچى ئىدىم. ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار قىلىپ بىرەرسىلەر – دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كىتىشكە تەرەددۇق قىلدى. دادام:

    -بۇنچە جىق ئورغاقنى نىمە قىلسىز؟- دىدى ئەجەپلىنىپ

    - سىلەر بىلسىلەر - دىدى دادامغا چۈشەندۇرۇپ - دوڭدە (مەھەللىدىكى كىشلەرمەھەللىنىڭ  ئۈستۈنكى تەرەپتىكى بىر پارچە تېرىم يەرنى شۇنداق دەپ ئاتايىتىتى) 80 مو بوغداينى ئەتىدىن باشلاپ ئورمىسام، دېنى تۈكۈلۈپ كىتەي دەپتۇ. مەدىكار بازىرىدىن ئادەم ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئورغىقى يۇقكەن....جىددى بولسۇن. ئەتە چۇقۇم پۈتسۇن.

    ئەمەت پاخال دادام بىلەن باھاسىنى پۈتۈشۈپ قانداق تىز كىرگەن بولسا شۇنداق تىز چىقىپ كەتتى. قارماققا ئۇ بۈگۈن راسىتىنىلا ئالدىراشتەك قىلاتتى. دادامنىڭ ئويچان كۆزلىرى جىدىدىلەشتى. دادام بىر دوكانغا، بىر ماڭا قاراپ :

      - ئوغلۇم  - دىدى بېشىمىنى يىرىك قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ -– كەچتە مەكتىپڭدىن بالدۇراق كەلگىن ، ماڭا ياردەم بەرگىن

     مەن «بولىدۇ» دەپ ئارتۇق ئىپادە بىلدۇرمەي  مەكتەپكە كەتتىم. دادام كېچىككىنە تۇمۈرچىلىق دۇكىنىمزدا بازغان ئۇرۇپ ئورغاق سۇقۇپ قېلىپ  قالدى. ئېسيادىم دادامدا ئىدى. «ئۇ قانداق قىلار؟ ئۇلگۈرتەلەرمۇ؟ ئەگەر ئۈلگۈرتەلمەي قالسا....» دىگەنلەر خىيالىمدا ھۆكۈم سۈرەتتى. دادام شۇ ۋاقىتتا « بىر كۈن مەكتەپتىن سوراپ كەلگىن» دىگەن بولسىمۇ «جان »دەپ سوراپ كىلەتتىم. بىراق ئۇ ئەزەلدىن مەكتەپتىن سوراپ دەرستىن قېلىشىمىنى خالىمايىتىتى. مەن بىر كۈنلۈك ئۇقۇشتىن قايىتىپ